-
ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ؟ شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئىنساننىڭ ھازىرقى بىلىش ئىقتىدارى بىلەن قارىغاندا ﺑﯘ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺋﺎﻟﻪﻡ _ بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇشۇ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﯞﻩ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پىلانىتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئالەمنىڭ ﻳﺎ ﺑﯧﺸﻰ، ﻳﺎ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ چەكسىز پىلانىتلار توپى. ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ، ﺧﺎﻻﺱ.

(سامان يولى سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلار)
ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ 3 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﯕﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻼ ﺧﺎﻻﺱ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﭘﯘﻕ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﻰ 6 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ 7 ﻣﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﻗﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﻮﯕﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﺳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 300 -
كۈنىگە كەم دېگەندە 300 يېڭى سۆز ئۆگىنىڭ.پېشانىڭىزنى تۇتماڭ،كۈندىلىك خىزمەت مىقدارىڭىز 300-3000 ئەتراپىدا بولىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىڭ(مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتۇم 2000،ئەتىگەن سائەت 9دىن باشلاپ ئەتىسى ئەتىگەن سائەت1 گىچە.ئارىلىقتا تاماق يېگەن،خوشياقماي ياتقان خېلى كۆپ ۋاقىت بار).ئەمما،ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم 300.بەلكىم،سىز بۇرۇن كۈنىگە 30 دىن ئوشۇق سۆز ئۆگىنىپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.بۇنچە كۆپ مىقداردىكى سۆزنى ئۆگىنىش ئېنىقلا پو ئاتقانلىق دېدىڭىزما؟ئاۋال سىزدىن سوراپ باقاي،سىز ھازىرغىچە بولغان ھاياتىڭىزدا بىر قېتىم مۇشۇ ئىشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟سىناپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نەدىن بىلىسىز؟ئۇنداق دېيىشىڭىز ئىددىيىڭىزدىكى پىسخىكىلىق توسالغۇ ۋە قورقۇنچتىن بولغان.ئەگەر سىز بىر قېتىم سىناپ بېقىپ،ئاندىن مۇمكىن ئەمەسكەن دېسىڭىز ئۇنى مەن ئاڭلاي،ئەمما،قىلىپ باقماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مەن ئۇنىمايمەن.بۈگۈن 10 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 7 سى ئېسىڭىزدە قالىدۇ،ئەمما،بۈگۈن 100 سۆز ئۆگەنسىڭىز ئەتە 93 نى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىش يوق.پەقەتلا 30 نى ئۇنتۇپ قالىسىز.بەلكىم،سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۈنۈم پىرسەنتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن،لېكىن،ئايدىڭلاشتۇرىدىغان نۇقتا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى پىرسەنت،مىقدار ئەمەس.بەلكىم،10 سۆز ئۆگەنگەندىكى ئۈنۈم پىرسەنتى 70% بولغان بولسا،100 سۆز ئۆگەنگەندە ئۈنۈم پىرسەنتى 65% كە تۆۋەنلىشى مۇمكىن.ئەمما،بۇ 65 دانە سۆز دېگەن گەپ.7 بىلەن 65 نىڭ قايسىسى چوڭ؟ئەگەر سىز 1000 سۆز ئۆگەنسىڭىز،ئۈنۈم پىرسەنتىڭىز 30% قا چۈپ قالغان تەقدىردىمۇ 300 سۆز دېگەن گەپ.65 بىلەن 300 نىڭ قايسىسى چوڭ؟بۇ پىرسەنتلەرنى مەن كاسامغا شۇنداقلا شاپىلاقلاپ دېدىم.ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار بولغان بولسا ھەقىقىي يەكۈن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ.ئەمما،بۇ مۇھىم ئەمەس.مەن سىزنىڭ پىسخىكىڭىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتىمەن.بۇنىڭدىكى 3000 يۇقىرى چەك نورمال ئادەملەرنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئېيتىلغان،ئەڭ تېز ئۈنۈمدە ئۆگەنگەندىمۇ 1 كۈنلۈك ۋاقىت شۇنىڭغا ئارانلا يېتىدىكەن.بەلكىم،3000 غا چىقىش ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت 4:40 تا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ،5 بىلەن بىر باشلىسىڭىز ئەتە ئەتىگەن 1-2 بىلەن تۈگىشى مۇمكىن.شۇنىڭغا چىدىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما،قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.ئەگەر بىر كۈن ۋاقىت 48 سائەت بولغان بولسا،بىز گەپ يوق 5000 سۆز ئۆگىنەلەيمىز.كۈنىگە مانچىدىن دەپ نورما بېكىتىۋالماڭ،ئەمەلىيەتتە،ھازىر ئۆگەنگىنىڭىز بىلەن ئەتە ئۆگەنگىنىڭىزنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق،پەقەتلا بىر ئۇخلاپ قوپىسىز شۇ.ۋاقىتلا بولسا ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىۋېرىڭ.بىر كۈندە قانچە سۆز ئۆگىنىش توغرىسىدا مەلۇم چەك يوق.
-
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە /فضل العشر من ذي الحجة/Virtue of the ten days of Dhul Hijjah - [ئىسلام]
Virtue of the ten days of Dhul Hijjah
49042- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋەلقى ئون كۈنى باشقا كۈنلەردىن ئەۋزەل بولسا، بۇ كۈنلەردە قايسى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىمىز كېرەك؟.
جاۋاپ:.......................
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىن تارتىپ 9كۈن روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر، .........
.......................
-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!داڭلىق قارىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك قۇرئان تىلاۋىتىنىڭ MP3 شەكلىدىكى ھۆججەتى بارئىكەن ،تورداشلارنىڭ قۇرئان ئۆگۈنۈش،يادقائېلىش،ۋە تىڭشاپ تىلاۋەت قىلىشى ئۈچۈن تەمىللەندى .
ئۆزىڭلار خالىغان قارىنىڭ ئىسمىنى تاللاپ ئېچىلغان بەتتىن خالىغان سۈرىنى تاللاپ چۈشەرسەڭلار بولىدۇ.ئەگەر ھەممىنى بىراقلا چۈشۈرمەكچى بولساڭلار 迅雷دەكك چۈشۈرۈش قورالىدىن پايدىلانساڭلار
،قولاي ھەم ئاسان بولىدىكەن.
-
سوئال:
مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، يېڭى تۇرمۇش ھاياتىمنى بەرىكەتلىك ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە باشلىشىم ئۈچۈن ماڭا پايدىلىق يوليورۇق ۋە نەسىھەتلەرنى قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئاللاھ تائالادىن تۇرمۇشىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭى ھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.
بىزنىڭ نەسىھىتىمىز:..................................
..................................................
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىر ھاجىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىز بىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ» دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇل سەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن.
ئېرىڭىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇش قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:..................................
-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم .ھەممىمىز مۇسۇلمان ،مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ كەلگەن بىر مىللەت بولساقمۇ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى دېنىمىزنى چۈشۈنۈش ھەقىقى بەھىر ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىمىز.سەۋەبى قىززىقىش يوق ،قىززىقىش بولسا ئۆزتىلىمىزدىكى ياخشى ماتىرياللار كەمچىل ،ماتېرياللار تۇلۇقلىنىۋاتقاندا بولسا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتالماسلىق ۋە قايەردىن باشلاپ ئۆگۈنۈشنى بىلمەسلىك تەك كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلانغان.مىنىڭ قارىشىمچە ئىسلامنى ئۆگۈنۈشتىكى ياخشى باشلىنىش سۈيۈملۈك پەيخەمبىرىمىزنى تۇنۇشتىن باشلاش بولسا كېرەك دەپ قارايمەن.چۈنكى ئىسلامنى بىزگە رەسۇلۇلاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتكۈزگەن ،يەتكۈزگۈچۈنى تۇنۇش ۋە ئۇنىڭ مەقسىتىنى بىلىش ،چۈشۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ،چۈشۈنۈش توغرا مۇئامىلە قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.يەنى رەسۇلۇلاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نى تۇنىساق ،ئۇزات كىم ؟نىمەئۈچۈن پەيخەمبەر دەپ ئاتالغان؟دۇنياغا نىمىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە بىزلەرگە نىمىنى يەتكۈزمەكچى؟دىگەندەك لەرگە جاۋاپ تاپساق ئىنشائاللاھ ئىسلامغا بولغا چۈشەنچىمىز ئىنىق بولۇدۇدە دىنىمىزغا توغرا مۇئامىلىدە بولالايمىز ۋە ئىسلام يولىدا توغرا يۆلۈنۈشتە ماڭالايمىز.شۇ ئارقىلىق ئاللاھ خالىسا ئىككى دۇنيالىق بەختىمىزنى تاپالايمىز ۋە بۈيۈك ئىسلامنىڭ شەربىتىنى تېتالىساق ئەجەپ ئەمەس.رەسۇلۇلاھنىڭ تارىخى يېزىلغان كىتاپ لار ناھايىتى نۇرغۇن بۇلۇپ مەن بۇيەردە رەسۇلۇللاھنىڭ تارىخىنى يېزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولغان ،يېزىلغان تارىخنىڭ چىنلىقىنىڭ يۇقۇرلىقىنى تەرىپلەپ <<پىچەتلەنگەن شاراپ >>دەپ ناملانغان(ئەرەپلەر ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان ئىچىملىك شەربەتلەرنىمۇ شاراپ دەپ ئاتايدۇ ،بۇ بىز ھاراق مەنىسىدە چۈشۈنىدىغان <ھاراق شاراپتىكى > شاراپ ئەمەس .يەنى تارىخنىڭ چىنلىقى خۇددى پىچىتى بۇزۇلمىغان ساپ شەربەتكە ئوخشۇتۇلغان )ئۇيغۇرچىغا <<شىرىن بۇلاق>> نامى بىلەن تۇنۇلغان بۇ مەشھۇر كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-
ئانىلارنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ئانىلارنىڭ بەختى
(بەخت ئىزدەشنى ئۆگۈنۈڭ)
بۇ ئاۋازلىق نۇتۇق بۇلۇپ، بىر قىز سۆزلىگەن،بەزىلەر سۆزلۈگۈچىنى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ قىزى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،لىكىن شەخسەن ئۆزۈم زادى نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ھەدىمىز سۆزلىگەنمۇ ئەمەسمۇ بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن.
بىلىدىغانلار ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ھەممەيلەن ۋاقىپ لىنىپ قالايلى .
گەپنىڭ قىسقىسى سۆزلۈگۈچى كىم بولۇشتىن قەتئىنەزە
ر ئۇ ھەقنى سۆزلەيدىكەن ،توغۇرنى سۆزلەيدىكەن بىز ئۇنى سۆيۈپ ئاڭلايمىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمىز.
نۇتۇقنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ،قەدىناس ساھابىلىرىغا ھەمدۇسانا ،ۋە دۇرۇت سالام يوللاش بىلەن باشلاپ مۇنداق دەيدۇ.
<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۈتۈن دۇنيا قالبىدە ئانا دىگەن نام بىلەن ئاتالغان،ئۆزپەرزەنتىلىرنىڭ غېمىدا يۈرۈپ ئۇلارنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى تىلەپ يۈرەك باغرى كاۋاپ بولىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئانىلىرمىز ۋە بارلىق ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتقان خانىم قىز ئاياللىرىمىز ۋەئۆزەممۇ بىر ئاجىزە بولغانلىقىم ۋە كېلەچەكتىكى بىر مىللەتنىڭ تەربىلىگۈچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ،ئۆز بەختىمىز ۋە كېلەچەكتىكى پەرزەنتىلىرمىزنىڭ بەختى ھەققىدە شۇنداقلا ھەقىقى بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىن ۋە ئىسلامدىكى ئانىلىرمىزنىڭ ئۆچمەس تارىخ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرىمنى ۋە ئالىملارنىڭ بۇھەقتىكى پەندى نەسىھەتلىرىنى جەملىگەن بۇرىسالەمنى سەمىڭ لارغا سۇنماقچىمەن ........>>
يۇقارقىسى نۇتۇقنىڭ باشلىنىشى سۆزى بۇلۇپ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بەختىمىز ۋە كېلەچەكتىكى پەرزەنتىلىرمىزنىڭ بەختى ھەققىدە شۇنداقلا ھەقىقى بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش كېرەك دىگەن تىمىنى چۆرىدەپ ناھايىتى ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك ،دەلىل پاكىتلىق ھالدا جانلىق سۆزلەنگەن رىسالە.بۇرىسالىنى شەخسەن ھەربىر قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ بىرقېتىم ئاڭلاپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-
ئايال كىم
ئايال-يوسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك ھەمراھى،ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا
خوجا بولۇپ تۇرغۇچى،ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ھەسرەتلىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى،ھەرقانداق قىلىپ بولسۇن ئۇنى خۇشال قىلغۇچىدۇر.
ئايال-ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلىغۇچى،پۇلىنى تېجەپ قىلىشقا تىرىشقۇچى؛ئېرىنىڭ ،بالىلىرىنىڭ بەدەن ۋە كۆڭلىنى ئاسراپ ئۆستۈرگۈچى،ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت،بۇزۇق مىجەزنى تۈگىتىشكە سەۋەپ بولغۇچىدۇر.
ئايال-ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى،ئائىلىنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرغۇچى،بۇزۇپ-چېچىشتىن ساقلىنىپ كەلگۈسى ئۈچۈن مال يىغقۇچىدۇر.ئايال پات-پات ئويناپ تۇرىدىغان قونچاق ئەمەس،بۇگۈنى كىيىپ ئەتىسى سالىدىغان كىيىم ئەمەس.ئايال ھايۋان ئەمەسكى،ئۆزىگە يارىسا بېقىپ-ئىشلىتىپ،ئۆزىگە يارىمىسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋىتىدىغان؛ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى،ياخشى ئىشلىسە ئۆيدە ئەپقىلىپ،ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان؛بەلكى ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ھەمراھتۇر.ئەر كىم
................
.................
-
<<يەھۇدىيلار:«اﷲنىڭ قولى باغلاقتۇر (يەنى اﷲ بېخىلدۇرياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن ! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەپلىك اﷲنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە اﷲنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاغا قارشى) ئۇرۇش ئوتى ياقماقچى بولسا، اﷲ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۈيقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، اﷲ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچلارنى ياقتۇرمايدۇ.>>سۈرە مائىدە -64ئايەت -
....................................
.................................
رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ) مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم قىلغان گۇناھى سەۋەبىدىن رىزقىدىن مەھرۇم قالىدۇ».
ئاللاھ سەندىن ئۆزىگە مۇھتاج بولۇشۇڭ ۋە ئۇنىڭغا بىچارىلىكىڭنى بىلدۈرۈشۈڭ ئۈچۈن رىزىقنى مەھرۇم قىلىدۇ، بۇ مۇھتاجلىق ئارقىلىق ساڭ
ا بايلىقنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنداق بىچارىلىك ئارقىلىق ئىززەت ئارتۇقلايدۇ؛ ئاللاھ نېمە دېگەن مەرت، نېمە دېگەن كۆيۈمچان! نېمە دېگەن مېھرىبان! ئۇ بىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئېلىۋاالىدۇ، بىزگە ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ مەھرۇم قىلىشى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدىن ئىبارەت.ئۇ ئۇخلاپ قالغانلارنى ئويغىتىدۇ، غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۆمىن بۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلگەچكە، پەقەت گۇناھ تۈپەيلىدىنلا يامانلىققا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، بىر قۇشنىڭ ئوۋلىنىشى، بىر دەرەخنىڭ كېسىلىشىمۇ تەسبىھنى تەرك قىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقنى، خاتالىق ئۆتكۈزۈلمەي يادلىغان بىرەر سۈرىنىڭ يادىدىن كۆتىرىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىدۇ. {سىلەرگە (يەنى جېنىڭلارغا ۋە مېلىڭلارغا) ھەر قانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلالماس ئىدىڭلار)}، (شۇرا سۈرىسى، 30 ـ ئايەت)







